
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010-يىلى16-ئاۋغۇست
بىر باي بىلەن بىر كەمبەغەل نىمىنىڭ بەخىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
كەمبەغەل ئادەم:
-ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت،-دەپتۇ.
باي كەمبەغەلنىڭ كەپىسى، جۇل-جۇل كىيمىگە قاراپ چىققاندىن كېيىن:
-بۇنى قانداقمۇ بەخىت دېگىلى بولسۇن؟ مەن دىمەكچى بولغان بەخىت ــ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، مىڭلىغان چاكار،-دەپتۇ.
بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە ئوت كىتىپ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ. چاكارلىرىمۇ قېچىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ باي بىر كېچىدىلا دىۋانىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
قاتتىق ئىسسىق بىر كۈنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن دىۋانە كەمبەغەلنىڭ كەپىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، كەپىگە ئۇسسۇلۇق سوراپ كىرىپتۇ. كەمبەغەل بىر پىيالە سۇنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:
-سەن ھازىر نىمىنىڭ بەخىت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟-،دەپ سوراپتۇ.
دىۋانە كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
ـ بەخىت دىگەن مىنىڭ قولۇمدىكى سەن بەرگەن بىر پىيالە سۇ ـ دەپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن نىمىنى چۈشەندىڭىز؟ مېنىڭچە، ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت، ھازىرنى بىرمۇ-بىر ئۇلىسىڭىز، بىر ئۆمۈرلۈك بەخىتكە ئېرىشكەن بولىسىز. ھازىرنى قەدىرلەڭ، قولىڭىزدىكى بىر ئىستاكان سۇ، ئادەتتىكى تاماق، ئادەتتىكى خىزمىتىڭىزنىڭ ھەممىسى بەخىت.









