
1. ئەرلەر ئاياللارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى2. ئەقىللىق ئەرلەر چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئايال بىلەن قائىدە سۆزلەپ، تاكاللىشىپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ سۆزى دەل قائىدىنىڭ ئۆزىدۇر؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى3. قىزلارنىڭ ياشلىق باھارى قىممەتتىن دېرەك بېرىدۇ، ئوغۇللارنىڭ ياشلىق باھارى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى4. ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىنىڭ كۆپىيىشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىنمۇ تېز بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھېسسىياتى پاي چېكى بارىرىدىنمۇ ئۆزگۈرۈشچان بولىدۇ؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى5. ئاياللارنىڭ ئەڭ قاقشايدىغىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىگە قايتماي سىرتلاردا يۈرۈشىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى ئەرلەرنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ سىرتتا بولىشىدۇر؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى6. ھەرگىز بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىشنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماڭ، چۈنكى توي قىلغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە ئاران بىر قېتىملا قارىمايسىزدە؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى7. ئاياللار ئەرلەرگە دەردىنى تۆكۈپ بېرىشكە ئامراق. ئەرلەر ئاياللارغا نەتىجە، مال- دۇنياسىنى كۆز- كۆز قىلىشقا ئامراق؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى8. ئەرلەر ئاياللارنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىڭ ئاز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى9. ئەرلەر قانداق جان بېقىش ھەققدە توختىماي باش قاتۇرىدۇ. ئاياللار قانداق قىلىپ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن توختىماي گىرىم قىلىدۇ؛
QHSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى10. ئەرلەر ئاياللارغا كۆزى ئارقىلىق نەزەر سېلىشقا ئامراق بولغاچقا، ئوڭايلا گۈزەللىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە كۆڭلى ئارقىلىق قاراشقا ئامراق بولغاچقا، ئوڭايلا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ