
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010-يىلى 2-سىنتەبىر
غەم-قايغۇدىن قورقماڭ. ئادەتتە بىزنى جىددىيلەشتۈرگەن، ئەندىشىگە سالغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كىچىك، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلاردۇر، داڭلىق مۇۋپپىقىيەتشۇناس دالى كارنىگ ئەپەندى «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق كىتابىدا: «جاھاندىكى ئىشلارنىڭ تەخمىنەن %90 ى توغرا، ئاران %10 ى خاتا بولىدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. بىز پەقەت ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىلمىساق، زۆرۆر تېپىلغاندا يوللۇق تاقابىل تۇرساق، كەيپىياتىمىز ئىزچىل كۆتۈرۈڭگۈ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ-دە، قىيىن ھېسابلىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.
ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر غەم-قايغۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشكە سەل قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە غەمكىن، ئۆزىنى ئازاپ-ئوقۇبەت چىرمىۋالغاندەك پەرىشان يۈرىدۇ. ناۋادا ئۇلار غەم-قايغۇنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ھالقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولسا، كۆڭۈلنى غەش قىلغان پەرىشانلىق تۇمانلىرى تېزلا تارقاپ كېتىدۇ.
غەم قايغۇ تۆۋەندىكى بەش مەنبەدىن كېلىدۇ:
1. تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان غەم-قايغۇ.
2. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، كۆز قارىشىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىۋاتقان غەم-قايغۇ.
3. ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك غەم-قايغۇ.
4. خىزمەت، تۇرمۇش پەيدا قىلغان غەم-قايغۇ.
5. ئىقتىدارسىزلىقتىن كېلىپ چىققان غەم-قايغۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىكى سىرتقى بېسىم ۋە قارشىلىق كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇرۇس، تۇرمۇشقا قىزغىن، خىزمەتتە ئەستايىدىل، ھەر قانداق ئورۇندا، ھەر قانداق چاغدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان جاسارىتىمىزنى بىلدۈرسەكلا، ناھايىتى تېزلا ئۇقۇشماسلىقتىن بىزگە باشقىچە قارايدىغان، توسقۇنلۇق قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى، تونۇشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ يېقىن دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ. %60-%70 غەم-قايغۇ ئادەتتە، ئىقتىدارسىزلىقىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. بىز ئۆگىنىش بىلەن جانلىق ئىشلىتىشنى؛ بىلىم بىلەن تاكتىكىنى، ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرساق، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ بەخت-سائادەت يارىتىپ بېرەلەيمىز.
ئەنگىلىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى داڭلىق يازغۇچى جون سىۋفىت «گىرافنىڭ ساياھىتى» ناملىق رومانىدا تەنتەنىلىك قىلىپ: «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرمۇ نەپسىنى يىغىپ، كۆڭلىنى توق تۇتۇش، خوشال ۋە روھلۇق يۈرۈشتەك كاتتا دورىنى بېرەلمەيدۇ» دېگەن. مۇبادا ۋەيران بولغان بىر كارخانىچى بىلەن بىر جىنايەتچى بىر توكۇرنىڭ كوچا دوقمىشىدا مېيىپلەر ھارىۋىسىدا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرگە ئېغىز گارمۇنى چېلىپ بېرىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرسە، چوقۇم ئۆزىنىڭ يارىماس روھسىز ھالىتىدىن نومۇس قىلىشى مۇمكىن. بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك، ئۈمىدۋار بولساق، تۇرمۇش قۇياشى ھامان بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.









