
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2010-يىلى7-سىنتەبىر

* ئەرلەر ئاچچىقى كەلگەەندە قىلغىلى گەپ تاپالماي قالىدۇ، ئاياللار ئاچچىقى كەلگەندە ھەممە گەپنى دەۋېتىدۇ.
* ئەرلەر پۇل تاپسا يولدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئاياللار يولدىن چىقپ كەتسە پۇل تاپىلايدۇ.
* ئەرلەر ئازابلىنىشقا رازىكى، ئەپسۇسلىنىشنى خالىمايدۇ، ئاياللار بولسا كۆپۈنچە ھاللاردا ئەپسۇسلىنىپ يۈرىدۇ، ئەمما ئازاب چېكىشنى خالىمايدۇ.
* ئەرلەر تەنھا قالسا بىرەر ئىشتا نەتىجە يارىتىدۇ، ئاياللار بەك نەتىجە قازىنىپ كەتسە يالغۇز قالىدۇ.
* ئەرلەر ئىقتىسادچىل بولسا پىخسىق كۆرۈنىدۇ، ئاياللار تىجەشلىك بولسا ئۆي تۇتۇشقا ماھىر كېلىدۇ.
* ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە تىكەننىڭ ئارىسىدا گۈل بولىدۇ، ئاياللارنىڭ نەزىرىدە گۈلنىڭ ئارىسىدا تىكەن بولىدۇ.
* ئەرلەر مەست بولغاندا ھەسرەت چېكىدۇ، ئاياللار يامان چۈش كۆرۈپ قالغاندا ھەسرەتلىنىدۇ.
* ئەرلەر ياش تۆكسە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ، ئاياللار ياش تۆكسە ھېسداشلىق قوزغايدۇ.
* ئەرلەر كەسكىن بولسا كىشىگە سالاپەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئاياللار بەك كەسكىن بولۇپ كەتسە كىشىگە يەڭگىلتەك، چاكىنا تۇيغۇ بېرىدۇ.









