• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇچۇر تورىغا خۇش كەپسىز:تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىلىڭىز- ئۇچۇر تورى
  • ساقلىۋىلىش
  • باش بەت قىلىش
  • لادېننىڭ نەۋرىسىگە قۇرساق كۆتۈرگەن ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

    مەنبە:شىنخۇا تورى                  2010-يىلى13-سېنتەبىر



    بىن.لادېننىڭ نەۋرىسىنى ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرمەكچى بولغان ئانا



    بىن.لادېننىڭ ئوغلى ۋە كېلىنى

    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بىن.لادېننىڭ نەۋرىسىنى ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرمەكچى بولغان ئەنگىلىيەلىك لۇيىس.بولاد سۇرىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا ئىككى نەپەر ئەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، 10 ھەپتىلىك بولغان قوشكېزەك بالىسى چۈشۈپ كەتكەن.
    8-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ مانچىستېردىكى بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈركەندە، بالىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا لۇيىس.بولاد لادېننىڭ ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن سۇرىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا، ناتۇنۇش ئىككى ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بالىسى چۈشۈپ كەتكەن. لۇيىس.بولاد مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئىككى ناتۇنۇش ئەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق مەن مەيلى ئەنگىلىيە ياكى ئوتتۇرا شەرقتە بولسۇن ھەممە كىشىنىڭ مىنىڭ بىن.لادېننىڭ نەۋرىسىگە قۇرساق كۆتۈرگەن غەربلىك ئايال ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ».
    بولاد بالىسى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىن.لادېننىڭ ئوغلى ئۆمەر بىلەن ئايالى جانا ئەر-ئايال ئۈچۈن ئەمدى ھەرگىز ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «مەن بالىلىق بولالمايۋاتقان ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالىلىق بولۇپ بېرىشكە قوشۇلىمەن، بىراق لادېننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى ئۇلار مەن ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن. شۇنداقلا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جانا 54 ياشقا كىردى، ئۆمەرنىڭ بولسا نېرۋىسى ئېلىشىپ قىلىش كېسىلى بار».
    بولادنىڭ بالىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئۆمەر ئارتۇق سۆز قىلمىدى. ئۇ پەقەت «مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر تەغدىر» دەپلا قويدى.

    • يوللىغۇچى :
    • بـاشـقۇرغۇچى
    • تەھرىر :
    • گۈلباھار
    • يوللانغان ۋاقىت :
    • 2010-09-13 15:54
    تەۋسىيە ئۇچۇرلار
    نىشان ئېلانى
    ئۇچۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
    ئەڭ يېڭى يوللانغان خەۋەرلەر
    ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭئەسەر يوللاڭئۇلىنىش
    客服电话:0991-2886311       新ICP备09005120号