• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇچۇر تورىغا خۇش كەپسىز:تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىلىڭىز- ئۇچۇر تورى
  • ساقلىۋىلىش
  • باش بەت قىلىش
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك داچا ئىككى مىليارتقا سېتىلدى

    مەنبە: شىنخۇا تورى                                            2010-يىلى13-سىنتەبىر

     

     


     

    Katie ئاكا ئۇكىلارنىڭ پەقەت 10 مىليۇن فوندىستىرلىڭغا سېتىۋالغان داچىسى

     

    « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 12-سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيىلىك ئاكا ئۇكىلار ئۆي سېتىش ئارقىلىق كاتتا بايلارغا ئايلانغان.
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىنىسى Katie ۋە ئاكىسى Nike سېتىۋەتكەن ئۆي موناكۇغا جايلاشقان بىر داچا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى 200 مىليۇن فوندىستىرلىڭ( تەخمىنەن ئىككى مىليار 80 مىليۇن يۈەن ) بولۇپ، گەرچە بۇ ئۆيدە بۇرۇن بىر ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئۆينىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن. بۇ ئۆينى ئاكا-ئۇكا ئىككىسى 2000-يىلى لىلىي زافرا ئىسىملىك بىر ئەنگىلىيىلىك ئايالدىن 10 مىليۇن فوندىستىرلىڭغىمۇ يەتمىگەن باھادا سېتىۋالغان بولۇپ، ئۆينىڭ كۆلىمى 1625 كىۋادىرات مىتىر كېلىدىكەن. ئۇلار بۇ ئۆينىڭ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن لىلىي زافرانىڭ يولدىشى بىر قېتىملىق سىرلىق ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.

     


     

    نۆۋەتتە بۇ ئۆي ئىككى مىليار 70مىليۇن يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىلغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ئەرەپتىن كەلگەن قەبىلە باشلىقى ئىكەن.

     


     

    ئاكا-ئۇكىلار بۇرۇن 270 مىليۇن يۈەن خەجلەپ ئۆينى بېزىگەن بولۇپ، بۇ داچىنى دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ تارتىدىغان جايغا ئايلاندۇرغان.

     


     

    Katie ئاكا ئۇكىلار

     


     

    ئىلگىرى بۇ ئۆيدە ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ ، ئۆينىڭ قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن

     



    ھەشەمەتلىك ياتاق ئۆي

    • يوللىغۇچى :
    • بـاشـقۇرغۇچى
    • تەھرىر :
    • شاۋقۇن
    • يوللانغان ۋاقىت :
    • 2010-09-13 16:25
    تەۋسىيە ئۇچۇرلار
    نىشان ئېلانى
    ئۇچۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
    ئەڭ يېڭى يوللانغان خەۋەرلەر
    ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭئەسەر يوللاڭئۇلىنىش
    客服电话:0991-2886311       新ICP备09005120号