• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇچۇر تورىغا خۇش كەپسىز:تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىلىڭىز- ئۇچۇر تورى
  • ساقلىۋىلىش
  • باش بەت قىلىش
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 10 شەھەر

    مەنبە:شىنخۇا تورى                   2010-يىلى13-سىنتەبىر

     

     


     

    ئامېرىكا «خوففىنتون پوچتا گېزىتى» خەۋىرى، بوستون «يەرشارى پوچتا گېزىتى» يېقىندا «دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز شەھەر» لەرنى تەكشۈرۈپ، بېنگالنىڭ مەركىزى داكا «دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز شەھەر» دەپ بېكىتىلدى. بۇنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەر تاللاپ چىقىلدى، ياپونىيەدىكى توكيو شەھىرى 36 مىليون 700 مىڭ نوپۇسى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، شاڭخەي 7-ئورۇندا ئىكەن.
    «يەرشارى پوچتا گېزىتى» باھالاپ بېكىتكەندىن كېيىن يەنە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى شەھەرلىششى سۈرئىتىنى تېزلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قاتار ئۈمىد ۋە خەۋىپلەرنى ئېلىپ كەلدى دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنسانلارغا تەھتىد سېلىۋاتقان مەسىلىلەر: نوپۇسنىڭ ئېشىشى، باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ كەمچىل بولىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىشىشىنى تىزگىنلىگەندە، يۇقارقى خەۋىپلەرنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.
    10 چوڭ نوپوسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكى:
    1. ياپونىيەدىكى توكيو: 2010-يىلى نوپۇسى 36 مىليون 700 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 37 مىليون 100 غا يېتىدىكەن.
    2. ھىندىستاندىكى دېھلى: 2010-يىلى نوپۇسى 22 مىليون 200 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 28 مىليون 600 مىڭغا يېتىدىكەن.
    3. بىرازىليەدىكى سانپاۋلۇ: 2010-يىل نوپۇسى 20 مىليون 300 مىڭ،مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 23 مىليون 700 مىڭغا يېتىدىكەن.
    4. ھىندىستاندىكى بومباي: 2010-يىل نوپۇسى 20 مىليون، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 25 مىليون 800 مىڭغا يېتىدىكەن.
    5. مېكسىكىنىڭ مەركىزى مېكسىكا شەھىرى: 2010-يىلى نوپۇسى 19 مىليون 500 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 20 مىليون 700 مىڭغا يېتىدىكەن.
    6. ئامېرىكىدىكى نيۇيورك: 2010-يىلى نوپۇسى 19 مىليون 400 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 20 مىليون  600 مىڭغا يېتىدىكەن.
    7. جۇڭگودىكى شاڭخەي: 2010-يىلى نوپۇسى 16 مىليون 600 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 20 مىليونغا يېتىدىكەن.
    8.  ھىندىستاندىكى كالىكۇتتا: 2010-يىلى نوپۇسى 15 مىليون 600 مىڭ،  مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 20 مىليون 100 مىڭغا يېتىدىكەن.
    9. بېنگالدىكى داكا: 2010-يىلى نوپۇسى 14 مىليون 600 مىڭ،  مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 20 مىليون 900 مىڭغا يېتىدىكەن.
    10. پاكىستاندىكى كاراچى: 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 13 مىليون 100 مىڭ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە 18 مىليون 100 مىڭغا يېتىدىكەن.

     

    • يوللىغۇچى :
    • بـاشـقۇرغۇچى
    • تەھرىر :
    • شاۋقۇن
    • يوللانغان ۋاقىت :
    • 2010-09-13 16:29
    تەۋسىيە ئۇچۇرلار
    نىشان ئېلانى
    ئۇچۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
    ئەڭ يېڭى يوللانغان خەۋەرلەر
    ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭئەسەر يوللاڭئۇلىنىش
    客服电话:0991-2886311       新ICP备09005120号