• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇچۇر تورىغا خۇش كەپسىز:تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىلىڭىز- ئۇچۇر تورى
  • ساقلىۋىلىش
  • باش بەت قىلىش
  • دۆلىتىمىزنىڭ2010-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تور سودا سوممىسى 200 مىلياردتىن ئاشتى

    مەنبە: شىنخۇا  تورى                                                      2010-يىلى13-سىنتەبىر

     

     

    « جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالى بابانىڭ 10-سىنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تور سودىسىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومومىي سوممىسى 211 مىليارد 800 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %105 ئاشقان، ئۇنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي ئىستىمال پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 6.5 ھەسسىسىگە توغىرا كەلگەن.
    مۇشۇ مەزگىلدە ئېچىلغان يەتتىنچى قېتىملىق تور سودىسى چوڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان« 2010-يىللىق تور سودىسى تەرەققىيات تەتقىقات دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلۇق سودا ئومومىي كۆلىمى ئىككى تىرلىيۇن 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ B2B ئىلىكتىرونلۇق سودا سوممىسى بىر تىرلىيۇن 100مىليارد يۈەن، تور پارچە سېتىش سودا سوممىسى 211 مىليارد 800 مىليۇن يۈەن بولغان.
    ئالى بابا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي مۇلاھىزىچىسى شېڭ جېنجوڭنىڭ دىيىشىچە، تور پارچە سودا سوممىسى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەسسىلەپ قاتلىنىپ كەلمەكتە، 2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ توردىكى پارچە سېتىش سودا سوممىسى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %117 دىن ئاشقان.
      شېڭ جېنجوڭ يەنە مۇنداق دىگەن: «گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ تور سودىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پارچە سېتىش سوممىسى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ياۋرو ئامېرىكا رايۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن» .
    نۆۋەتتە ، دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن تور ئابونتى بار، بۇنىڭ ئىچىىدە 1/3 قىسىم تور ئابونتى تور سودىسى ئېلىپ بارىدىغان ئىستىمالچى ھېساپلىنىدۇ .

    • يوللىغۇچى :
    • بـاشـقۇرغۇچى
    • تەھرىر :
    • شاۋقۇن
    • يوللانغان ۋاقىت :
    • 2010-09-13 17:42
    تەۋسىيە ئۇچۇرلار
    نىشان ئېلانى
    ئۇچۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
    ئەڭ يېڭى يوللانغان خەۋەرلەر
    ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭئەسەر يوللاڭئۇلىنىش
    客服电话:0991-2886311       新ICP备09005120号